مېڭىنىڭ ئىقتىدارى ھەققىدە
ۋاقىت: 2016/10/5 12:32:00| يوللىغۇچى: قۇتيول



بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى ۋە سەزگۈسى قاتارلىق فۇنكسىيەلىرىنى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى نېرۋا مەركەزلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا باشقۇرىدۇ.

ئوڭ ۋە سول چوڭ مېڭە يېرىم شارچىلىرىنىڭ فۇنكسىيىلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. ئوڭ مېڭە يېرىم شارچىسىدا ئاساسلىق تەسەۋۋۇر، رەڭ، مۇزىكا، رېتىم خىيال ۋە بىۋاستە كۆزىتىشكە مەسئۇل نېرۋا مەركەزلىرى بار، سول مېڭە يېرىم شارچىسىدا ئاساسلىق ماتېماتىكا، تىل، لوگىكا، ئانالىز ۋە خاتىرىگە مەسئۇل نېرۋا مەركەزلىرى بار.

ئوڭ ۋە سول مېڭە يېرىم شارچىلىرى بەلگىلىك خىزمەت تەقسىماتىغا ئىگە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئوڭ قولى بىلەن ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئۇلار ئوڭخاي، ئاز ساندىكى كىشىلەر سول قولى بىلەن ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگەن، بۇلار سولخاي دەپ ئاتىلىدۇ. چوڭ مېڭە بەدەن ھەرىكىتىنى قايچىلاشما ھالىتىدە باشقۇرغانلىقتىن، يەنە سول ئېڭە ئوڭ قول بىلەن ئوڭ پۇتنى، ئوڭ مېڭە سول قول بىلەن سول پۇتنى باشقۇرغانلىقتىن،  ئوڭخايلارنىڭ سول مېڭىسى،  سولخايلارنىڭ ئوڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئەگەر سولخايلار ئوڭخاي بولۇشقا زورمۇ-زور مەجبۇر قىلىنسا ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئەسلىدىكى تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، روھىي جەھەتتىن زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىشى مۇمكىن. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ سولخاي بولۇپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، بالىلىرىنىڭ سول قولىنى پوملاپ چىگىپ قويۇشىدۇ ياكى ئوڭ قولىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلىشىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس.


مېدىتسىنا پروفېسسورى يىنچۇئەن ئەپەندىنىڭ «مېڭە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت، يەنى ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدىغان ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى سول مېڭىسىگە ئوخشاش تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئامالىنى قىلىش كېرەك. بۇ نۇقتا بولۇپمۇ ئوڭخايلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دەپ قارايدۇ.

ھەممە كىشى ئۆز مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يۈزدە-يۈز جارى قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، تېببىي ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى سەگەك ھالەت مېڭە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى بولۇپ، بۇنداق ھالەتتە ئادەمنىڭ ئەتراپىدىكى نەرسىلەرگە بولغان ئىنكاسى تېز ۋە ئېنىق بولىدىكەن.

بەدەن ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانلىق شتابى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قول ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان قىسمى كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا قول ھەركىتىنىڭ كۆپەيتىلىشى پۈتكۈل چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ غىدىقلىنىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قارىتا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە.

مېڭە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قول ئىقتىدارىنى مەشىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، بارلىق ئاماللار بىلەن قولىنى ئىشلىتىش كېرەك. رەسساملار، ھەيكەلتاراشلار، مۇزىكانتلار، دىرىژورلارنىڭ ئۆزى قېرىسىمۇ زېھنىنىڭ ئاجىزلاشمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ بەلكىم قوللىرىنىڭ ئۆمۈرۋايەت نازۇك ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.


ئومۇمەن ئېيتقاندا، ھەرىكەت مېڭە ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. ھەر بىر ھەرىكەتنىڭ ئورۇندىلىشى چوڭ مېڭىنىڭ ھەر خىل ئۇچۇرلارنى يىغىنچاقلاپ بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئادەمنى چاققانلىق بىلەن ۋاقتىدا ماسلاشقان ھالدا ئۆزگىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرىكەت جەريانىدا كۆپىنچە رىقابەتچىلىرى بولغانلىقتىن، قارشى تەرەپنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھەرىكەت سەزگۈ ئىقتىدارىنى كۆزىتىش، ئانالىز قىلىش ۋە پەرقلەندۈرۈشنى مەشىق قىلغىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتا ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن پايدىلىق، يەنى جىم ئولتۇرۇش بىلەن چوڭقۇر نەپەس ئېلىش مەشىقلىرىمۇ مېڭە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئالىملار ئەقلىي قابىلىيەتنى ئۆلچەشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلماقتا، بۇ ئۇسۇل ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ھالدا مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى بۇرۇنقى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن ئۆگىنىش ۋە مەشىق ئارقىلىق زۆرۈر بولغان ماھارەتلەرنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆلچەشتىن ئىبارەت.

قاتتىق مەشىق ۋە جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىش ئارقىلىق ھەربىر ئادەم ئۆزىدە ئالاھىدە ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئارزۇسىغا تامامەن يېتەلەيدۇ.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.