ئالاقىدار خەۋەرلەر

نامراتلار مەھەللىسىدە تۇرىدىغان مودىكەش يىگىتلەر
ۋاقىت: 2017/1/5 10:48:00| يوللىغۇچى: قۇتيول



تېڭشۈن تورى خەۋىرى :
كونگودىكى كىنشاسادا مۇنداق بىر توپ ياش بار، ئۇلار شەھەر رايونىغا بەك يىراق نامراتلار مەھەللىسىدە ياشايدۇ، ھەتتا بەزىدە قورسىقى تويماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۈستى-بېشىدىكى ھەربىر قۇر كىيىمنىڭ ھەممىسى داڭلىق ماركىلىق كىيىملەر، چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبىدە مودا ئەڭ مۇھىم.



بۇ ياشلارنىڭ بۇنداق ياسىنىشىنى ناھايىتى نامرات بىر دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا مودا دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلار: «ئۆز لايىقىدا يىيەلمىسىمۇ، ئىچەلمىسىمۇ مۆتىۋەرلەردەك يارىشىملىق كىيىنىش كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن مودا ساھەسىدىكى زاتلارغا ئايلانغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قۇر كىيىمىگە ئادەتتىكى ئادەملەر ھەتتا نەچچە ئاي ياشىيالىشى مۇمكىن.

بۇ ياشلار مودىغا بىر خىل ئېتىقاد سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ ھەمدە ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلەرنى بېيىشقا باشلىدى، دەپ قارايدۇ، گەرچە ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇش يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما بۇلار كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ياساندۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن بولۇپ، بۇنىڭدا مودا ۋە چىرايلىق بولۇش ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلدۇر.

ئۇلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرى ئۇلارنى نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلەرگە ئىگە قىلغان، ئۇلار چوڭ كوچىدا ماڭغاندا ياكى پائالىيەتكە قاتناشقان ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.


سۈرەتتىكى ياش دەل بىر مودىكەش زات، ئۇ كۈندۈزى شەھەر رايونى ئىچىدە ھەمراھلىرى بىلەن بىللە پائالىيەت قىلىدۇ، كەچتە شەھەر ئەتراپىدىكى نامراتلار مەھەللىسىگە قايتىپ كېلىدۇ.



بۇ ياش قاڭالتىر ئۆگزىلىك بىر كىچىك ئۆي ئىچىدە تۇرىدۇ، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كارىۋات ئاستىدىكى يۈك-تاق ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىدۇ ھەمدە ئىچىدىكى كىيىم ۋە ئاياغلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ.


بۇ ياشلار بەزىدە «نېمىشقا ياق» ناملىق كۇلۇبقا بارىدۇ، ئۇ يەردە بەزىلەر ئۇلارنى ۋىسكى ئىچىشكە تەكلىپ قىلىدۇ.


ھال رەڭ كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىۋالغان بىر مودىكەش زات چوڭ كوچىدا مېڭىۋاتىدۇ.

بۇ مودىكەش زات ئۆيدە كۆڭۈل قويۇپ ياسانغاندىن كېيىن سىگارت چىشلىگەن ھالەتتە ئۆيىنىڭ ئىشىكىدىن چىقتى.

بىر نەچچە مودا زات ئەخلەت بىلەن تولغان چىغىر يولدا تۇرىدۇ، ئۇلار گەرچە ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن زادىلا ماس كەلمىگەندەك كۆرۈنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئۆزىنىڭ مودا ئېتىقادىدا چىڭ تۇرىدۇ.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.